ئىسلامىيەتتىكى ئاساسلىق مەزھەپ-پىرقىلەر — تەسەۋۋۇپ (سوفىزىم)
1. تەسەۋۋۇپچىلىقنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىياتى
ئىلىم ساھەسىنىڭ قوللىنىپ ئادەتلەنگەن ئاتالمىسى «سوفى» ياكى «سوفىزم» دېگەنلىك ئىسلامىيەتتىكى سىرلىقلاشتۇرغۇچىلار مەزھەپ- سۈلۈكىنى كۆرسىتىدىغان غەرىب تەتقىقات ئەھلى قوللۇنۇلمىش ئىبارە. ئۇلار سوفىلار تەبىقىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىراق سوفىزم ئىسلامىيەتتىكى مۇئەييەن ھالدا مۇنتىزم تەشكىللەشكەن مەزھەپ- پىرقە ئەمەس، ئالايلى، خاۋارىجلار، شىئەلەر، سۈننىيلەر، ۋەھھابىيلەر دېگەندەك مەزەپلەر بىلەن بىردەك تۈس- خۇسۇسىيەتتە ئەمەس، بەلكى، ئىسلامىيەتتىكى سۈلۈكىيە تۈسىدىكى سىرلىق نىقاب تارتقان ئېقىمدۇر. ئەرەب ئىلىم ساھەسىنىڭ داۋاملىق ئىستىمال قىلىدىغان «تەسەۋۋۇپ» ئىبارىسىمۇ شۇ ئەرەب تىلىدىكى «سوفى» ئىبارىسىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مەزكۇر ئىبارىنىڭ ئېتمولوگىيىسى خۇسۇسىدا تەبىرلەركۆپ تۈرلىك: بىر خىل ئېيتىلمىشچە، ئەسلى ئەرەب تىلىدىكى «سەففا» دىن كېلىپ چىقىپ «مەنىۋېيىتى تازا ۋە ھەرىكىتى دۇرۇس» مەنىسىدە ئىكەنمىش؛ يەنە بىر تۈرلىك ئېيتيىلىشچە، ئەسلى ئەرەب تىلىدىكى «سافىئىي» ئىبارىسىدىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى: «ئاللاھ ئالدىدا ئالىي مۇقامدا تۇرۇۋاتقان ئاۋانگارتلار» مەنىسىدە ئىمىش؛ يەنە بىر تۈرلىك ئېيتىلىشچە، پەزىلەتتە مۇھەممەد ئەلەيھسسالام دەۋرىدىكى «سوفا» قەبىلىسى كىشىلىرىدەك ئازاب- ئوقۇبەتكە چىـداپ، نەپسىنى يىغىدىغان، ئىباەتتە تەقۋادار، تەرك دۇنيا بولۇپ ئۆتىدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغانـلىقتىن شۇنداق ئاتالغان ئىمىش. نۇرغۇنلىغان ئالىملارنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر ئىبارە ئەرەب تىلىدىكى «سوف» يەنى «قوي يۇڭى» مەنىسىدىن كىلىدۇ دەپ قارايدۇ، چۈنكى، بۇ تەبىقىگە ئەتكۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى قوي يوڭىدا قوپال ئىشلەنگەن (ئاددى- ساددا) كىيىملەرنى كىيىپ، پارا- غەت- باياشادلىققا ئىنتىلمەستىن، بەلكى، شۈكرانىلىق بىلەن ئارامخۇدا ياشايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغانمىش. «سوفى» سىرلىق يولىغا كىرگەن كىشى، ئەمما، سىرلىق يولغا كىرگەن بۇ كىشىلەر ئۆزلىرىنى «ئەخىيلەر» ياكى «ئەھلى ئىشقىيلار» دەپ ئاتىشىدۇ. «تەسەۋۋوپ» ئىبارىسى ئەرەب ئىلىم دۇنياسى كاتېگورىيەسىدە «سىرلىقلىشىش» ئۇقۇمىدا كېلىدۇ.
سوفى ئىسلامىيەتتە سىرلىقلىقنى تەشەببۇس قىلىش، ئەڭ ئىپتىداسىدا نەپسىنى يىغىش مەسلىكى بولىدۇ. نەپسىنى يىغىش مەپكۇرەسى «قۇرئان كەرىم» دىمۇ چېلىقىدۇ، «سىلەر بۇ دۇنيانىڭ مەئىشەتلى- رىگە مەھلىيا بولۇپ مەنپەئەت قوغلىشىپ كەتمەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئۇ دۇنيانىڭ ئىنئامىنى ئاتا قىلىدۇ» (8- ئايەت، 67سۈرە) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن يېڭىدىن گۈللەنگەن خەلـپە دۆلىتى ئىجتىمائى، ئىقتىسادى، سىياسىي ۋە ئىدىيىۋى جەھەتلەردە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئۈزلۈكسىز سىرتقا قارىتا كېڭىيىش، بۇزغۇنچىلىك خاراكتېرىدىكى ئىچكى ئۇرۇشلار، دەھشەتلىك ھەر- بىي ھاكىممۇتلەقلىق تۈزۈمى، يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ ئەيش- ئىشرەت چىرىكلىككە بېرىلىشى، گۇرۇھبازلىق، ئېرقچىلىق، لېبىرالىستىك مەپكۇرەلەرنىڭ تارقىلىشى قاتارلىقلار مىڭلىغان- ئون مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ رېئاللىقتىن بېزىشلىرىدەك رېئاللىقتىن نەپسىنى يىغىش مەسلىكى ئەمەلىيەتتە تەھسىنلەرگە نائىل ئىدى. تېخىمۇ مۇھىمى بۇ ئىدىيە «قۇرئان كەرىم» دىكى قىيامەت قايىم بولۇش بايانلىرى بىلەن بىرىكىپ كۈچىيىشكە ئېرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن ئىلگىرىكى مەزگىللەردىكى ساھەبىلەر ۋە تائىبىنلەر ئارىسىدىكى بىر قىسىم تەقۋادار مۇخلىسلار «قۇرئان كەرىم» نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىگە بىنائەن مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ دەسلەپكى دىنىي ئەمەلىيىتىگە تەدبىقلىشىپ، نامراتلىقنى تەرغىپ قىلىش، ئازاب- ئوقۇبەتلەرگە چىداپ، نەپىسىنى يىغىپ ياشاشنى يولغا قويۇشقا تىرىشىشلىرى مەيدانغا چىققان. شۇڭا، ئەرەب تەتقىقات ئەھلىنىڭ قارىشىچە، سوفىلىقنىڭ تارىخى ئىسلامىيەت تارىخى بىلەن ھەمقەدەم، 7- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 8- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە، نەپسىنى يىغىش بىر تۈرلىك ھەشەمەتچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى كۈچ بولۇپ، ئىراقتا مەيدانغا چىققان. ئۇلار دەسلەپتە بىر تۈرلىك قوپال قوي يۇڭىدا ئىشلەنگەن كىيىملەرنى كىيىشىپ يۈرىشىدىن «سوفىلار» دەپ ئاتالغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا، بۇلار يەنىلا بىر تۈرلىك دىنىي ئەمەللەردىنلا بولۇپ، تېخىچە مەپكۇرە سىستېمىسى بولۇپ شەكىللەنمىگەن.
كېيىنچە، مۇشۇنداق نەپسىنى يىغىش تەرەققىي قىلىپ مىستىتسىزمغا ئۆزگەرگەن. نەپسىنى يىـغىش، رىيازەت چېكىش، ئۆزىنى تۇتۇش، پەرھىز قىلىش، تەقۋالىقتا يۈرۈش، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش قاتارلىق ئالاھىدە ئىبادەتلەر روھنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنىڭ ئۇسۇللىرىدىن بولۇپ، ئاللاھنى تونۇش، ئاللاھقا مۇھەببەت قويۇش، ئاخىرىدا ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد (ئاللاھ بىلەن بىر گەۋدە بولۇش) ۋە ئاللاھ بىلەن قوشۇلۇشتەك يۈكسەك مۇقامغا يېتىش، ئەمما بۇلارنىڭ بەرى ھەرگىزمۇ ئاللاھدىن ئۇ دۇنيادا مەلۇم ئىنئام تەمە قىلىش مۇددىئاسىدىن قىلىنمايدۇ.
تەتقىقات ئەھلى سۇفىزمنىڭ مەيدانغا كېلىشى مەسىلىسىدە مۇنداق بىر نەچچە تۈرلىك كۆز قاراشتا بولىدۇ: سوفىزمنىڭ مەيدانغا كېلىشى غەرىب خىرىستىئان دىنىنىڭ ۋە يېڭى ئەپلاتونىزمنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىشتىن؛ سوفىزمنىڭ مەيدانغا كېلىشى پارىسلارنىڭ قەدىمكى مىستىتسىزملىق ئىدىيەسىنىڭ ئارىلاشمىسىدىن ۋە ھىندىستان ماخايانا چېنىقىش مەپكۇرىسىنىڭ تەسىرىدىن بولغان؛ سوفىزم «قۇرئان كەرىم» دىكى ھەدىسلەر ۋە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ۋەھىيلىرىنى قوبۇل قىلىشتىن بولغان دېگەندەك. ئەرەب تەتقىقاتچىلىرىنىڭ كۆپچىلىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈرلىك كۆزقاراشقا مايلراق. ئۇلارنىڭ قارىشىچە سوفىزمنىڭ مستىتسىزملىق مەپكۇرەسى ئاساسەن «قۇرئان كەرىم» نى مەنبە قىلىدۇ. «قۇرئان كەرىم» نىڭ مەلۇم مەزمۇنلىرى سىرلىق ھالنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، سىرلىق ھادىسىلەر كىشىلەرنى جەلب قىلىپ، ئىتىكاپتا ئولتۇرۇش، ئىستىغپار ئوقۇش، ئاللاھقا ھەمدۇ- سانالار ئوقۇشدەك ئايەتلەر (17 : 1، 3 : 7، 50 : 16، 56: 85. 24: 35، 42: 51، 50: 39، – 40، 71: 78- 79، 76: 26) نىڭ مەزمۇنلىرى. «قۇرئان كەرىم» دە، ئاللاھنىڭ ئادەم ۋە بارلىق مەۋجۇداتنى ياراتقانلىقى ھەمدە ئادەم ۋە جېمى مەۋجۇداتنىڭ ئاللاھقا قايىتىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئايەتلەرنىڭ (41: 21، 43: 14، 2: 46، 7: 29) نىڭ مەزمۇنلىرى سوفىزم ئىدىيىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى تۈپ ئاساس بولغان.
7- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 8- ئەسىردە، رىيازەت چەككۈچىلەر ۋە نەپسىنى يىغقۇچىلارنىڭ مەسلەكلىرى بىر تۈرلىك ئىجتىمائىي ئىدىيىۋى ئېقىم سۈپىتىدە ناھايىتى تېز ۋە كەڭ دائىرىدە تارقالدى. جەمئىيەت تۈۋەن قاتلىمىدا تەدرىجى رەۋىشتە مۇشۇنداق نامراتلىققا قانائەت قىلىش، ئىتىكاپتا ئولتۇ- رۇش، مەنىۋېيەتنى تاۋلاش، ئۆزىنى پىنھانغا ئېلىش، تەسفىيەتۇل قەلب (دىلنى پاكلاشتۇرۇش) قا بىرىلىشتەك ئىستىخىيىلىك ھەرىكەتلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى، بۇ قاتارلىق ھەددى- ھەرىكەتلەر دەسلەپتە، ھەشەمەتچىلىك، گۇرۇھلار كۈرىشى قاتارلىق قائىدە- يوسۇنلىشىپ قېلىۋاتقان خاھىشلارغا پاسسىپ قارشى تۇرۇش بولۇپ، ئۇلاردا ئىجتىمائىي كەيپىيات ۋە ھۆرمەت يوسۇنلارنى مەسخىرە قىلىش پوزىتسىيەلىرى ئاشكارە ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. بۇ باسقۇچتا تەسەۋۋۇپ ئامىللىرى ئاساسەن شەخس ھەرىكەت ئاساسىدا بولۇپ، مەشخۇل بولغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى تەنھا ياكى كۆپچىلىك توپلىشىۋېلىپ ھەريەردە سەييارە يۈرۈشۈپ، رىيازەتتە تەربىيىلىنىش ھەمدە رىيازەتتە چېنىقىشلاردا بولۇشتەك تەرغىبات ھالىتى ۋە تۇرمۇش شەكلى ھالىتىدىلا ئىدى. مانا مۇشۇنداق مەشخۇلاتلار بىلەن ھەپلىشىۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا نۇرغۇنلىرى ناھايىتىمۇ ئۆتكۈر تەپەككۈر قىلىش ئىستىداتى ھازىرلىغان ۋە مول «قۇرئان كەرىم» بىلىملىرى بارلاردىن بولۇپ، كىشىلەرنى ئالدىغا كېلىپ ئۇستاز تۇتۇشقا، ئىستىقا- مەت يولىنى ئۆگىنىشكە جەلپ قىلىپ تۇراتتى. بۇ ھالدا بىر قىسىم خانىقا، ۋە تەسەۋۋۇپ پىرلىرى ئاسانلا روياپقا چىقىپ قالاتتى. مۇشۇنداق سوفى پىرلىرىنىڭ تەلىماتلىرى ئەگەشكۈچى سوفىلارنى سىرلىق تەلىماتلار ئىچىگە باشلاپ كىرىش باسقۇچلىرى بولۇپ قالغانىدى. ئالايلى، 8- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئىراق بەسىرەدە ئۆتكەن ئايال سوپى پىرى رابىي ئاداۋىيە (801- 717) ئاللاھقا بولمىش تىلسىم مۇھەبـبەتنى شەرھىيلەپ مۇخلىس بىلەن ئاللاھنىڭ مۇناسىۋىتى يەشكەندە، ئاللاھتىن ھېيىقىش، قورقۇ- نۇچقا چۈشۈشلەرنى ئاللاھقا بولغان قىزغىن مۇھەببەتكە ئايلاندۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئاللاھ مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ئوبيېكتى، ئىنسان روھىيىتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ماھىيىتى مۇھەببەت، ئىنساننىڭ ئەڭ كامالى بەختى ۋە ھدەدتۇل ۋۇجۇددۇر، دەپ قارىغان.
9- ئەسىر ئوتتۇرىلىرىدا، ئەبۇ. سۇلايمان دالانى (850- ؟) تىلسىملىق سەزگۈلەر ئارقىلىق ئاللاھنى تونۇش نوقتەئىينەزەرىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى، كىشىلەرنىڭ ئاللاھنى تونۇشى كىشىلەر روھىيەتىدە چاقنىغان نۇرغا تايىنىشىدىن ئېرىشىدىغان بىر تۈرلىك سېزىم، ھەرگىزمۇ پاراسەت ئاساسىدىكى ئەقلىيـلىك ۋە جامەت مەقبۇل قىلىغان ھادىسلەردە بولمايدۇ، دەپ قارىغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، مىسىرلىق زاھىد زۇننۇن مىسرى (860 – ؟) ھېكمەتۇل ئاللاھ (تېئوسوفىيە) تەلىماتىنى ئوتتۇرغا قويغان، كىشىلىك ھاياتنىڭ مەقسىدى ئاخىرى ۋەجدەتۇل ۋۇجۇددۇر (ئاللاھ بىلەن بىرگەۋدىگە ئايلىنىپ كېتىش) دەپ قاراپ، پەقەت چوڭقۇر ئويلىنىش، پۈتكۈل روھىيەتنى ئاللاھقا بەخشەندە قىلىپ، ئۆزىنىڭ غۇبارسىز قەلبىنى ئاللاھنىڭ روھىيەت نۇرىنى بىلەن قوشۇۋەتكەندە، ئاندىن ئاللاھنى ھەقىقى تونۇشقا يېتىنىدۇ، ئېزىش- ئازغىشىش بولمايدۇ، دەپ قارىغان. زۇننۇن مىسرى يەنە، ئاللاھنىڭ ماھىيىتى نۇردىن ئىبارەت ئىنسانلار ئاللاھ روھىيەت نۇرىنىڭ رىغبىتى بىلەن قىسقىلا ۋاقىتتا ئاللاھ بىلەن بىركىپ كېتىش مەنىۋى مۇقامىغا يېتىدۇ، دەپ قارىغان. بۇنداق تېئوسوفىيە (ھېكمەتۇل ئاللاھ) مەپكۇرەسى مستىتسىزملىق دىنىي ئتىقادنىڭ جارىيلىق مەزمۇنلىرىنى بېيىتتى، سوفىلىق ئېقىمىنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەقىدىلىرىنى پەيدىن- پەي مۇكەممەللىشىشكە ئېلىپ باردى. پرسىيىلىك مىستىتسزمچى ئەبۇ يەزىدبىستامى (875 – ؟) مۇ «ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد» دىن ئىبارەت پان ئىلاھىيەت مەپكۇرەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاللاھنىڭ ماھىيىتى چەكسىز شەيئىدە، چەكسىز شەيئى يەنە بىر ئاللاھقا تالىق بولىدۇ، دەپ قارىغانىدى. 10- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پرسىيىدىكى سوفىلارنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى مەنسۇر ھەللاج (858- 922) «ئىنسان بىلەن ئاللاھنىڭ بىرىكىپ كېتىشى» قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغاندى. ئۇ: «مەن ھەق، مىنەلھەق» دېگەنىدى. ئۇ، دەرمان تاۋلاپ مەقامغا يەتكەندە، ئاللاھ بىلەن مەڭگۈلۈك بىرىكىپ كېتەلەيدۇ، دەپ قارىغانىدى. ئاقىۋەت، «ئاللاھ ھەق، مەن ھەم ھەق، ئاللاھ ھەقىقىتى مەندە بەرھەق» (مېنى ئاللاھ دېيىشكە بولىدۇ) دەپ جاكارلىغانلىقى ئۈچۈن ئابباسىيلار سۇلاىسى مەھكىمە شەرئىيسى تەرىپىدىن دارغا ئېسىلىپ، سوفىزم مەسلەك يولىدا قۇربان بولغۇچىلاردىن بولۇپ كەتكەن. سوفىزم كىشىلەرنىڭ سوبيېكتپ بىۋاستە تەسىراتلىرى ۋە ئىچكى روھىيەت كەچۈرمىش تۇيغۇلىرى ئارقىلىق تەقىبلىك، قاتمال ھالەتتىكى شەرىـئەت ۋە دىنىي ئەقىدىلەرنىڭ سىرتقى پەردىلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، شەكىچىلىك، قېلببازلىقتىكى ئىبادەتلەرگە جانلىق دىنى ھېسسىياتلار سىڭدۈرۈپ، خەلق ئاممىسى ئارىسىدا غايەت زور مەپتۇنلۇق قوز- غىۋەتكەنىدى.9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىداسوفىزم نۇرغۇنلىغان دىنى ئالىم، ئەللارمەلەرنى ئۆزىگە جە- لىب قىلدى، سوفىزم تەلىماتلىرىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ئەسەرلەر جاراستانغا چىقىشقا باشلىدى. 10- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، سوفىلىق ئېقىمىدىكىلەر ئىراق ۋە سۈرىيەنى مەركەز قىلدى، پەيدىن- پەي شىمالى ئافرىقا، ئىسپانىيە، پرسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنوبى ئاسىيا سانى چوڭ قۇرۇقلۇقىغا كەڭ تارقالدى ۋە راۋاج تاپتى. 12- ئەسىردىن كېيىن ئىسلامىيەت نوپۇزلۇق مۇتەككەلمۇنى ئەل غەززالى (1058- 1111) ىستىتسزملىق ئاللاھ مۇھەببىتى، بىۋاستە سېزىم تېئولوگىيىسىدىكى بىلىش نەزە رىيىسى، ۋىسائول ھەقق (بەندە بىلەن بىلەن خۇدانىڭ بىرىكىپ كېتىشى) تەلىماتى قاتارلىق ئىدىيىلىرىنى ئىسلام دىننىڭ ئەنئەنىۋى دىنى ئېتىقادىغا ئېلىپ كىردى، سوفىلارنىڭ دىنىي پەرزلەرنى ئادا قىـلىشىدىكى رىياكارلىقلىرى بىلەن پان ئىلاھىزملىق تەشەببۇسلىرىنى چۆرىۋەتتى، سوفىزمدىكى چەكتىن ئاشارخاھىشلارنى چەكلىدى. غەززالى تەلىماتى ئىسلامىيەت ئىلمىي تەھۋىدنىڭ بېكىتىلگەن نەزەرىيە نۇسخىسى بولۇپ قالدى ۋە ھۆكۈمەت تەرەپ ئېتىقاد- ئەقىدىسىگە ئايلاندى.
9- ئەسىردە، سوفىلىق ئېقىمىدا ئۇستازمۇرشىدلارنى يادرو ئەتكەن سۈلۈك- پىرقە گۇرۇھلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى. 10- ئەسىردە، ئۇلار ھەرقايسى رايونلاردا كىچىكرەك يىغىلىش سورۇنلىرى ياكى زاۋىيە- لەرنى قۇردى، كېيىن تەرەققىي قىلىپ، بەھەيۋەت مەسجىد- مەدرەسەلەرگە ئايلىنىپ، مەكتەپ ۋە ئىستىقاـمەت ئورۇنلىرى بولۇپ قالدى. 12- ئەسىرگە كىرىش بىلەن خانىقالار ئاساسىدا پەيدىن- پەي مەشھۇر پركامىل ئۇستازلار يادرولىقىدىكى زاۋىيەلەر شەكىللىنىپ تەسەۋۋۇپ پىرقە- سۈلۈكلىرىنىڭ تەشكىلاتلىرىـدىن بولۇپ قالدى. زاۋىيەلەر ھەم ئۆز ئالدىغا يول تۇتتىلەر. ئىلگىرىكى ئەركىن بىرلىشىش ۋە چېچىلاڭغۇ ئىستىقامەت گۇرۇھلىرىنى مۇنتىزم تەشكىللىك سۈلەكلەرگە ئايلاندۇرى، كاتتا پىر- ئۇستازلار ئاقساقال بولدى، شۇنداق ئەقىدە پىرقىلىرىنىڭ مەسلەك ۋە ئىستىقامەت شەكىللىرى ھەرقايسى جايلاردىكى پىرقە- گۇرۇھلاربىلەن تەۋەلىك ئورنىتىلغان، بىرى- بىرىگە قاراشلىق بولماستىن، ھەرقايسىسى ئۈركۈملەپ ئىخلاسمەن ئەسەبى مۇرتلار خەلق ئىچىگە سىڭىپ، ئەقىدە ئۆزگەرتىشكە، ئۆزىگە تارتىشلارغا چۈشۈپ كەتتى، بىر قىسىم ئەل ئارا ئەقىدە ۋە ئادەت شەكىللىرىنى يولغا قويۇپ، ئىسلامىيەتنى پۈتكۈل خەلق ئورتاق ئېتىقاد قىلىدىغان دىنغا ئايلاندۇرىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىبنى ئەرەبى (1240- 1165)، جالالىددىن رومى (1273–1207) قاتارلىق مىستىتىسزم مۇ- تىپەككۈرلىرى ۋە شائىرلار پان ئىلاھىزملىق سوفىزم تەلىماتىغا مايىل بولۇشۇپ، مەزكۇر ئەقىدىنى سىستېملىق ۋە ئوبرازلىق قىلىپ بايان قىلىش ھەم يورۇتۇشقا يەڭ شىمايلاشتى، لەكمىڭلاپ مۇسۇلمانلارنى مىستىتسىزمغا باشلىدى. 15- ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە، سوفىزم پىرقىلىرىدا مۇخلىسلار شەيىخلەرگە مۇتلەق بويسۇنۇش ئاساسىدا، كوللېكتىپ رەۋىشتە ئىستىقامەت قىلىش شەكىللىرى ۋە تەشكىلى شەكىللەرگە تەرەققىي قىلدى. ھەمدە نۇرغۇن مىقداردىكى ۋەخپە يەر ۋە دىنى جامائەت مۈلكىگە ئىگە بولۇپ، دۇنيالىق ھوقۇقلارنى قوغلىشىشىلار روي بېرىشكە باشلىدى. سوفىزم پىرقە- گۇرۇھلىرىنىڭ ئەسلىدىكى نىزامۇل ئىرشاد (ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى) لىق تۈزۈمى ئىلگىرىكى ئەۋليالىق ۋارىسلىقتىن يولباشچىدىن ئۆتكۈزۈپ ئېلىش تۈزۈمىدە ۋارىسلىق قىلىشقا ئۆزگىرىپ كەتتى. جامائە ئىچىدە تەبىقە دەرىجە تۈزۈمى شەكىللەندى، مۇرتلارنىڭ پىر كامىل ئاقساقاللارغا مۇتلەق بويسۇنۇشى تەلەپ قىلىنىدىغان بولدى. ئاقساقال ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ قەبرىسى مۇرتلار چوقۇنىدىغان مەركەز مازارغا ئايلىنىدىغان بولدى. پىرقىلەرنىڭ كۆپىنچىسى شۇ پىرقىنى قۇرغۇچىنىڭ نامى بىلەن ئاتالدى. پىرقىنىڭ ئىجازەسى ئۆزلىرىنىڭ پركامىللىرى ھايات ۋاقتىدا بېكىتكەن ۋارىسلىق قىلغۇچىلارغا ئىرشاتنامەلەرنى تەسەددۇق قىلىدۇ، مەسىلەن پىرقە شەجەرىسى، تامغا، شاھادەتنامە، ۋەسىقە، تەۋەرۈك دېگەندەكلەر ئارقىلىق ئىجازەگە ۋارىس بولۇش شەرتى ئادا بولىدۇ. ئىسلامىيەت تارىخىدا سوفىلىق تەشكىللىرى ئالاھەزەل قىياس 200 دىن ئوشۇق بولغان، بۇلار ئىچىدە مەشھۇرلىرىدىن، قادىرىيە، رىفائىيە، شازىلىيە، مەۋلەۋىيە، بەدەۋىيە، نەقىشبەندىيە، تىجانىيە، سۆھرەۋەردىيە، چىشتىيە، سەفەۋىيە، سەنۇسىيە ۋە بەكتاشىيە قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. يۇقىرىقى پىرقىلار ئىچىدە، سەفەۋىيە بىلەن بەكتاشىيە پىرقىسى شىئە مەزھىپىنىڭ ئېتىقادىغا تالىق بولغاندىن تاشقىرى قالغان پىرقە- سۈلۈكلەرنىڭ ھەممىسى سۈننىي مەزھىپى ئېتىقادىغا تەئەللۇقتۇر. تەخمىنەن 15- ئەسىردە، سوفىزم پىرقىلىرى خانىقا، تەلىقە شەكىل مەزمۇنلىرىدىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچلۇق دەۋرىنى بېسىپ ئۆتۈپ تائىپە دەۋرىگە قەدەم قويغان. بەزى ئالىملار بۇ ئۆتكۈنچى دەۋرنى سوفىزم پىرقە- سۈلۈكلىرىنىڭ فېئودالىشىش دەۋرى دەپ ھېسابلايدۇ. مانا مۇشۇ دەۋر باسقۇچىدا، پىرقىنىڭ ھوقۇقى مىسلىسىز دەرىجىدە مەركەزلەشكەنىدى. ئىستىقامەت قىلغۇچىلار ۋە تالايلىغان غەيرى پىرقە جامائەت پىرقە- سۈلۈك يولباشچىسىغا تامامەن بويسۇنىدۇ. ۋەلىلەرگە ئىخلاس قىلىش ئەۋىج ئېلىپ كەتكەن، نۇرغۇنلىغان پىرقە- سۈلۈكلەرنى قۇرغۇچىلار ئۆزلىرىنى سەييىد (پەيغەمبەر ئەۋلادى) لەر دەپ ئاتىۋېلىشتى، نەسەب تۈزۈمىنى ئورنىتىشتى. ۋەلى (ئاتىلىپ قالغان) لەرگە چوقۇنۇش مازارلارغا چوقۇنۇش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئادەتتە، پىرقە- سۈلۈكلەر ۋەلىلىرىگە تاۋابگاھلارنى قۇرىدۇ، گاھى تاۋابگاھلارغا يانداشتۇرۇپ ھەيۋەت- ھەشەمەتلىك خانىقا، جامەلەرنى تەمىر قىلىدۇ. ھەربىر پىرقىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ زىكرى، جەھرى –سامالىرى دېگەندەك بىر يۈرۈش مۇراسىملىرى بولىدۇ. سوفىزم ئېقىمىنىڭ ھەرىكەت- پائالىيەتلىرى پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىغا تارقالغاندۇر، ھېلىھەم گاھىبىر رايونلاردا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. سوفىزم مىستىتسزملىق ئىدىئولوگىيە ئەدەبىيات، شېئىرىيەت ھەمدە، پەلسەپە ئەسەرلىرىگە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن، كەڭ مۇسۇلمانلار ئاممىسنىڭ دىن ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىغا تاكى شۇ كۈنلەرگىچە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە.
2. ئەنئەنىۋى ئىقاد ۋە سوفىزم
9- ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگللىرىدىن باشلاپ، سۈننىي مەزھىپى شەرىئەتلىرىگە ئېتىقاد قىلىدىغان سوفىزم ئالىملىرى سوفىزىم ئىلمىي تەھۋىدلىرى بىلەن ئەنئەنىۋى ئېتىقادلار بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، پەيدىن- پەي تەسەۋۋۇپ مىستىتسىزمنى تەرەققىي قىلىدۇرۇپ ئەنئەنىۋى ئىلىمىي تەجۋىدئىدىيىسىنىڭ تەركىبى قىسمىغا ئايلاندۇردى. ئىسلامىيەت دىنىي ئەقىدىسىنىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان سوفىزم ئالىمـلىرى، مەسىلەن مۇھاسىبى (851 – 781)، ھارازى (899- ؟)، شەيخ جۈنەيد (911- ؟)، كەلابازى (955- ؟) سالاقى (988 – ؟) ھۈجۋېرى (1071- ؟) كۇلەينى (1074- ؟) قاتارلىقلار تەرەپ- تەرەپتىن ھەدىسلەردىن مىستىتسىزم ئۈچۈن نەزەرىيىۋى ئاساس ئىزدەپ، سۈننىي مەزھىپى دىنىي ئەقىدە ۋە قىھە نوقتەئىينەزەرلىرىنى سىستېملىق قوللىنىپ، سوفىزمنىڭ ئىلمى تەجۋىد ۋە پەرز شەكىللىرىنى يورۇتۇپ چىقىشقا باشلىدى، ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئىتراپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش، ئىسلامىيەتنىڭ تۈپكى ئىمان ئەقىدىلىرىدىن چەتلەيدىغان مۇرتەدلىك سۆز، ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇپ، دىنىي شەرىئەتكە ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ۋە دىنىي پەرزلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئاساسىدا ئىستىقامەت قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار سوفىلىق مەزھەپتىكىلەرلا ھەقىقى ئەنئەنىچىلەر دەپ جاكارلىدى. 9- ئەسىرىدىن كېيىن ئىسلامىيەت ئورتاق ئېتراپ قىلىدىغان نوپۇزلۇق ئىلمىي تەھۋىد مۇتەككلىمۇن غەززالى سوپىلارنىڭ كۆز قارىشىنى مىستىتسىزمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك رەۋىشتە ئىسلام دىن ئەقىدىسىگە ئېلىپ كىردى، ئۇنىڭ تەلىماتى ئىسلامىيەت ئىلمىي تەھۋىدىنىڭ بېكىتىلگەن نەزەرىيە شەكلى بولۇپ قالدى ۋە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئېتىقاد ئەقىدىسى بولۇپ قالدى. غەززالى ئەشئەرىي مەزھەپ ئابدۇ مالىك جۇۋەينىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئۆسمۈرلىكىدىن باشلاپ شەرىئەت، ئىلمى تەفسىر، پەلسەپ، لوگىكا قاتارلىق ئىلىملەرنى ئۆگەنگەن، تەسەۋۋۇپ ئۇستازلىرىغا ئەگىشىپ سوپىزم تەلىماتلىرىنى تەتقىق قىلغان. باغدادتىكى ئەڭ ئالىي بىلم يۇرتى نىزامىيە دارۇل ئۇلۇمغا مۇددەرىس بولۇپ تۇرغۇنىدا ئىلمى تەفسىر، فىقھە ۋە پەلسەپە تەتقىقاتىغا بارىلىقىنى بېغىشلىغان، كېيىن رىيازەت چەككۈچى سوپى سۈپىتىدە سۈرىيە، پەلەستىن، مىسىر قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغان، ھەمدە مەككىدە ھەج تاۋابى قىلغان. ئۇل زات ئون يىل پىنھان ياشاش مەزگىلىدە «دىنىي پەنلەرنىڭ گۈللىنىشى» ناملىق يىرىك ئەسىرىنى تاماملىغان. ئۇ پۈتكۈل ئۆمۈرىدە نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى يازدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ مەنىۋېيەت دۇنياسىنىڭ سىرلىق تەجرىبىلىرى ئارقىلىق سوپىزمنىڭ مىستىتسىزمىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئۇ پەقەت بىۋاستە سېزىم ئارقىلىقمۇ ئەقلىيلىك تونۇپ يېتەلمەس ھەقىقەتلەرنى بايقاش مۇمكىنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ تەسىرىدە جەمئىيەت پىكىرى سوپىزمنى بىردەك ئېتراپ قىلغان. سوپىزم ئىچكى مەنىۋى تۇرمۇشنى تەكىتلەپ، شەخىسنىڭ بىۋاستە سېزىم تەجرىبىلىر ھەمدە تەپەككۈر پائالىيىتى بىلەن، سىرلىق مۇھەببەت قاتارلىق مەپكۇرەلەرنى ئەنئەنىۋى دىنى ئەقىدە، ئەھكاملارغا سىڭدۈرۈپ، ئىسلامىيەت مەدرىسە ئىلمىي تەھۋىدىگە يېڭى بىر ھاياتى كۈچ ئاتا قىلغانىدى.
غەززالى بىر ئىلمى تەفسىر ئەللامەسى، شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا ئۇيەنە سوپىزم ئالىمى «ئىسلامىيەت ئىلىم نوپۇزى» شۆھرەتگە نائىل بولغان، كېيىن مۇتەككەلىمۇنلار تەرىپىدىن ئىسلامىيەتنى قايتا تەمىر ئەتكەن، دەپ تونۇلغان. كېيىنكى مەزگىلدىكى «ئىسلامىيەتتىكى ئالدىنقى ئەۋلادپەرەسلەر» گە تالىق ئىلمىي تەجۋىد ئالىملىرى، مەسىلەن، ئىبنى تەيمىيە (1263- 1296) ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى دىنىي ئەقىدىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرمەككە غايەت زور كۈچ سەرىپ قىلىپ، ئەشئەرىي، غەززالىلارنىڭ ئىلمىي تەفسىر سىستېمىسىغا ھوجۇم قىلغان، ئەسلى ئېتىقاد تەركىبىدىن مىستىتسىزم ئامىللىرىنى تازىلاپ چىقىشقا ئورۇنغان، ئەمما، ئۇنىڭ تەشەببۇسلىرى كەڭ دائىرىدە مەقبۇل بولۇشقا ئىرىشەلمىگەن. 14- ئەسىردىن كېيىن ئىسلامىيەت تامامەنلا غەززالى تەلىماتلىرى ھەمدەملىكىدە بولدى.
مىسىر ئەزھەردارىلفونۇن دىنى فاكولتىت مۇدىرى يومى پروفېسسورنىڭ قارىشىچە، سوفىزم ئىدىئولو- گىيىسىنىڭ ئاپىرىدە بولۇشنىڭ ئىجتىمائى مەنبەسى زامانىسىدىكى ئىسلامىيەت ھۆكۈمران تەبىقىسنىڭ چىرىكىلىشىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ زولۇمەتلىشىدىن ئىمىش. سوفىزم باشتىن- ئاخىرى ئىسلامىيەتـنىڭ بىر تۈرلىك مەدەنىيەت ھادىسىسى ۋە ئىدىيىۋى ھەرىكىتى بولۇپ كەلگەن. كېلىپ چىقىش مەنبىئى بولسا «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسلەر بىلەن زىچ باغلانغان ھەمدە مەنبە بولارلىق سەۋەبلەر تارىخ تەرەققىياتى بىلەن ماسقەدەم رەۋىشتە يەنە داۋاملىق سوزۇلۇپ كېلىۋەرگەن. بۇلاردىن باشقا يەنە پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ تۇرمۇشى ھەمدە ساھابىلەر، خەلىپىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىمۇ باغلىنىشلىقتۇر. سوپىزمنىڭ مستىتسزم ئىدىيە پائالىيەتلىرى ۋە ئەمەلىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەقىقەتلەرگە نائىل بولغانلىقىنى ئېتراپ قىلىش كېرەك، ئەلبەتتە. ئۇلار روھىي دۇنياسىنى تازىلاش ئارقىلىق ئىسلامىيەتنڭ قاتتىق ئەردەم، ئەھكاملىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئۆز- ئۆزىنى قېتىرقىنىپ تەربىيىلەپ، يەكدىللىق بىلەن ئاللاھقا تېۋىنىپ، مەنىۋى ئىللەتلىرىدىن پەيدىن- پەي ئادا بولۇپ، قەلبىنى نۇرلاندۇرغانىدى. مانا بۇ ئىسلامىيەتنىڭ ھەقىقى مەنىسى، «قۇرئان كەرى»، ھەدىسلەرنىڭ داۋاملىشىشىدۇر. تەسەۋۋۇپچىلارباشتىن- ئاخىر «قۇرئان كەرىم » ۋە ھەدىسلەرنى مىزان قىلىپ، مەنىۋېيىتىنى رۇسلاپ، ساپ، ئىۋەنسىز ئىمانغا يەتمەكنى مەقسەد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ پىسخىك ھالىتى ساغلامدۇر. ئۇلار «قۇرئان كەرىم» گە بىنائەن كىشىلەرنىڭ ئىمانغا بولغان مۇناسىۋېتىنى ئۈچكە ئايرىغان، يەنى، ئىماندا چىڭ تۇرغۇچىلار، ساختا ئىمان ئېيتقانلار، ئىمانسىزلار. ئىماندا مۇستەھكەم تۇرغۇچىلارغا نىسبىتەن «قۇرئان كەرىم» دە «ئۇلار پەزىلەتلىك، مەن ئۇلار بىلەن بىللە، ……بۇنداق ئادەملەر مۇقەررەر مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇسىدۇر» (2- سۆرە، 3- ۋە5- ئايەت) ئىمانسىزلارغا قارىتا «قۇرئان كەرىم» دە: «ئىمانسىزلار، ئۇلارغا قاتتىق ئەسكەرتىپ ئېيتتىڭمۇ؟بۇ ئۇلارغا بەرىبىر، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئىمان ئېيتمايدۇ، تەڭرى ئۇلارنىڭ قەلب ۋە قۇلاقلىرىنى پىچەتلىۋەتكەن، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدە پەردە بار، ئۇلار قاتتىق جازالىنىدۇ.» (2- سۆرە، 6- ۋە 7- ئايەت) ئۈچىنچى خىلدىكى يەنى ساختا ئىمان ئېيىتقۇچىلارغا نىسبىتەن «قۇرئان كەرىم» دە: «بەزىلەر، بىز ئاللاھ بىلەن قىيامەتكە پۈتتۇق دەيدۇ، ئەمىلىيەتتە ئۇلارھەرگىزمۇ مۇئىمىنلەردىن ئەمەس، ئۇلار ئاللاھ بىلەن مۆئىمىنلەرنىڭ كۆزىنى بويىماقچى، ئەسلىدە ئۇلار ئۆز- ئۆزىنى ئالدايدۇ، ئۇلارنىڭ دىلىدا ئىللەت بار ئۇلار يالغان سۆزلىگەنلىكلىرى ئۈچۈن ئېغىر جازاغا گىربدار بولىدۇ» (2- سۆرە، 8- ۋە 10- ئايەتلەر) ئۇنداقتا مۇشۇنداق مەنىۋېيىتى بولغانغان بىمارلارنى قانداق داۋالىغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئەخلاق پەزىلەتتىن ئايرىلىغان ناپاكلىق ئىللىتىنى داۋالاپ، ياخشى ئەمەللەرگە ئېلىپ كېلىش مۇمكىن؟ مانا بۇ سوپىزىم كۆرسەتمىش يول ئۆز- ئۆزىنى تەربىيىلەش روھنى تاۋلاشتىن ئىبارەت. بۇلارمۇ يەنىلا سوپىزىمنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى تاشقى ئامىللارنى چۈشەندۈرىدۇ، بولۇپمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ ئىسلامىيەتنىڭ ئۆزىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ئىسلامىيەتنىڭ ئىچكى مېغىزى ۋە ھەقىقىي مەنىسىنى گەۋدىلەندۈردى، «قۇرئان كەرىم» نىڭ ھېكمەتلىرىنىڭ شايى قىلىنىشى، ئىسلام مەدەنىيىتى، ئىسلام ئىدىئولوگىيىسىدۇر.
غەززالى تەسەۋۇپچىلىقنىڭ مىستىتسىزمىنى ئەسلى ئىقاد ئەقىدىلەرتەركىبىگە ئېلىپ كىرىپ، ئەسلى ئەقىدىلەرنى ئۇنىڭ بىلەن بىرلەشتۈرۈشى، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىسلامىيەت دۇنياسى ئورتاق ئېتراپ قىلمىش ئەقدىگە ئايلىنىشى، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئېتىقاد ئەقىدىسىنىڭ ئاخىرقى مۇئەييەنلەشكە تۈسى بولۇپ قالغاندىمۇ، سوپىزم بۇنىڭلىق بىلەن ئۆز قىممىتى ۋە ئەھلى ئېتىقاد ئاممىسىنى يوقاتمىدى. ئۇ ئىدىئولوگيە، نەزەرىيە ھەمدە تەشكىلى جەھەتلەردىن بۇنىڭلىق بىلەن قاتماللىشىش، تەرەققىياتى چەككە يېتىشلەردەك ھادىسىلەردە تېخىمۇ بولمىدى، بەلكى ئىسلام دىننىڭ بىر تۈرلىك ئەل ئارالىق ئېتىقاد شەكلى سۈپىتىدە يەنىلا جۇشقۇنلۇق بىلەن مەۋجۇد بولىۋەردى. بۇ باسقۇچ 12- ئەسىردىن كېيىن يەنە نەچچە يۈزيىل داۋاملاشقان، بۇ باسقۇچتا سوپىزم پىشىپ يېتىلىشكە يۈزلەنگەن، ئۇنىڭدا ئەل ئارا ئېتىقاد تەشكىلى فورمىلار، تۈزۈملەشكەن پىرقە- سۈلۈكلەرنى مەيدانغا چىققان، ئىدىيە جەھەتتە، نەزەرىيە جەھەتتە سىستېملاشقان ۋە مېتافىزىكىلاشقان رەۋىشتە تۈزۈملىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلغان.
يېقىنقى زامان سوپىزىمنىڭ گۈللىنىشى سوپىزىم ئەنئەنىلىرى تەرققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچىدۇر، بۇ ھال دىنى ئىدىئولوگىيە، دىنىي ھەرىكەت- پائالىيەت ۋە دىنىي تەشكىلى شەكىللەرنىڭ ئومۇمىيۈزلىك تەرتىبكە چۈشۈرۈلىشدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. دىنى ئىدىيە جەھەتتە سوپىزم ئىلمىي تەۋھىد دە ئىبنى ئەرەبى (1240- 1165) نى تەنقىدلەش ۋەكىللىكىدىكى «ۋەھدە ئەل ۋۇجۇد» نىڭ ئورنىغا «ۋەھدەھ ئەل شۇھۇد» نى دەسسىتىش خاھىشى ئەۋىج ئالدى، ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ مەۋجۇدلىقى بىلەن ئاللاھقا ئوبراز (ھادىساتـلىرى) مەسىلىسىنى ئارىلاشتۇرۇۋېلىشتىن پان ئىلاھىزملىق ئىدىيە خاھىشى پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىش بولدى، ئەنئەنىۋى ئەقىدە ئېتىقادلار بىلەن بولمىش پەرقلەر ئارىلىقنى قىسقارتىشتىن ئبىارەت بولدى. بۇ چاغدا، «ئەھلى شەرىئەت تەسەۋۋۇپچىلار» پىرقىلىرىنىڭ تەرەققىيات سانى مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشقان. مۇشۇنداق ئىسلام شەرىئەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە ئېتىبار بېرىشكە يۈزلىنىش، ئىسلامىيەتنى ياخشىـلاش بىلەن تۈزۈملەشتۈرۈش مۇناسىۋىتى مەنپەئەتلىك ئىدى. يېقىنقى زامان يېڭى سوپىزىمچىلار ئىجازە، نەسەبچىلىككە ئانچە بىر ئېتبار بېرىپ كەتمەيدۇ، ياكى ئاددىيلاشتۇرىدۇ. ھەتتا گاھىبىر پىرقە- سۈلۈكلەر ئىجازە نەسەبى بىلەن كېلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئىنكار قىلىپ، بىۋاستە پەيغەمبەرنى شەيخ (ئىمام) ھېسابلاپ، ئۆزلىرىنى «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېتەكلىگەن يولىدا» چاغلىشىدۇ. يېڭى سوپىلارنىڭ دىنىي ھەرىكەت- پائالىيەتلىرى ۋە دىننى تەشكىلى جەھەتلەردىكى تاشقى ئۆزگىرىشلىرى بەكمۇ يارقىندۇر. ئەنئەنىۋى سوپىلار ئۆزىنى ئالاھىدە پاك چاغلاپ، جاھاندارچىلقلاردىن بىزار بولۇپ، رېئال تۇرمۇشتىن ئايرىلغاندى، ئەمما يېڭى سوپى تەشكىللىرى ئىقتىسادى، سىياسىي، مەدەنىيەت قاتارلىق ئىجتىمائى ھاياتقا قىزغىن قاتنىشىدۇ، گاھىلار يەنە مۇستەملىكىچى ھۆكۈمرانلىققا قارشى تۇرۇپ، مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرەشنىڭ ئۇلۇغۋار سېپىگە قاتنىشىدۇ.
دىنى تەشكىل جەھەتتىمۇ بىر خىللىق بولۇشتىن كۆپ فونكىسىيىلىك ئىجتىمائىي تەشكىللىشىشىكە قاراپ ئۆزگەرمەكتە. گاھى دۆلەت ۋە رايونلاردا سوپى پىرقە- تەرىقەتلىرىدە ئىجتىمائىلىشىش، سىياسىي پارتىيەلىشىش خاھىشلار مەيغانغا چىقماقتا.
سوپىزىمنىڭ تەسىرى
سوپىزمنىڭ مەيغانغا كېلىشى ئىسلامىيەت تەرەققىيات تارىخىدا يېڭى دەۋر ئاچتى. ئۇنىڭ ئىسلامىيەت تەرەققىياتىدىكى تەسىرلىرى كۆپ ياقلىملىققا ئىگىدۇر.
بىرىنچى، سوپىستىك ئەقىدە ئېتىقاد تۈزۈلمىسى ئىسلامىيەتنىڭ بىر تەركىبى قىسمى، سوپىزىمنىڭ تەرىقەت ئەقىدىلىرىنى تەتقىق قىلماستىن تۇرۇپ، ئىسلامىيەتنى تولۇق، دۇرۇس تەتقىقات قىلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بولمايدۇ، ئىسلامىيەت ئىلمىي تەھۋىدشۇناسلىق تارىخى مۇكەممەل بولمايدۇ. سوپىزىمنىڭ مىستىتسىزمى تۈزۈملەشكەن ئىسلامىيەتنىڭ مۇھىم تولۇقلىمىسى، تەھۋىد بىلەن مىستىتسزمنىڭ بىر- بىرىنى چەتكە قاقىدىغان بىر تۈرلىك خۇسۇسىيەت بار بولسىمۇ، ئەمما تېخىمۇ مۇھىمى بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا تولۇقلاش مۇناسىۋەتتە. سوپىزىمنىڭ قويۇق ھېسسىياتچانلىقى، تەقۋادار ئىمان- ئېتىقادى، ئاددى- ساددا ئىزدىنىشلىرى، سوپىزم مۇخلىس ئاممىسىنىڭ قەلبىگە قىزغىن ھېسسات سىڭدۈرگەن، روھىيەت مۇۋازىنەتلىكى ۋە ھېسسىيات جارىيلىقلىرىدىكى شادلىقتا دىنىي بىلىملەرگە بولغان تەشنالىقلار ئەمىن تاپىدۇ. ئۇنىڭدا قەلب تۇيغۇلىرى، بىۋاستە ئىپادە بولۇپ تۇرمىش غەيرى ئەقلىيلىك شەكىللىرى ئارقىلىق ئاللاھنى تونۇش، ئاللاھقا يېقىنلىشىش، ئاللاھنىڭ ھەقنىڭ مىنەلھەق بولۇشىغا بولمىش تىلەكلەردۇر. سوپىزم غەيرى ئەقلىيلىكتىكى «مەئىرىپەت» لەر ئاساسىدا ئىنسانىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ناھايىتى چوڭقۇر قېدىرىپ، جان بىلەن تەن، روھىيەت بىلەن ماددا، ئاللاھنىڭ مەۋجۇدلىقى بىلەن ئەخلاق، ياراتقۇچى بىلەن يارالمىشنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىق مەسىللەردە بىر ئۆزگىچە ھالنى بېيتتى ۋە ئۇنى يۈكسەلدۈرۇپ، سوفىزمدىن ئىبارەت ئالەم قارىشى، كىشىلىك ھايات قارىشى، ئىلىم ماھىيىتى قارىشى قاتارلىقلاردا دىنىي مىستىتسىزمنى يېڭى بىرباسقۇچقا كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ھەم ئىسلامىيەت ئەقلىيلىك، ئىلمىيلىكلەرنىڭ ئىسلام مەدەنىيەتىدىكى ئورنى ۋە تەسىرىنى زەئىبلەشتۈرىۋەتتى. سوپىزم ئىسلام دىننىڭ ئەقىدە ئېتىقادىنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقىنى ھەمدە ئىسلامىيەت ئەقىدىلىرى ئۇستقۇرۇلمىسىنى كېڭەيتتى. ئىسلام دىن ئەقىدە- ئېتىقاد بىلىملىرىنىڭ تارقىلىشى ۋە ئومۇملىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىخلاسمەن ئەشئەرىيە ئىلمىي تەۋھىدى مۇسۇلمانلارنى پەقەت بىلىم ۋاخىنىسىدىلا چەكلەپ قويغانلىقتىن تەھۋىدچىلىق ئىشلىرى كەڭ جامائەتتىن سەلگىنە يىراقتا تۇرغانىدى. ئەمما، سوپىزم ئەقىدە ئېتىقادى كىشىلەر قەلبىگە سىڭىپ كىرىپ، تۇۋەن قاتلام مۇسۇلمانلار ئارىسىدا چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئاساس تىكلىگەنىدى. سوپىزم تەرىقىتى جانلىق ھەم رەڭگى تۈرلىك بولۇپ مۇكەممەللەشكەن تەشكىلى شەكىلگە، ئۆزگىچە تائەت- ئىبادەت ئۇسۇللىرىغا ئىگە بولغاچقا، ئۇ مۇسۇلمانلار كۈندىلىك تۇرمۇشىنى بېيتتى. سوپىزمدىكى ۋەلى، ئەۋلىيالەرگە بەيئەت قىلىش، مازار- ماشايىخلەرگە چوقۇنۇش ھەمدە يەنە، پان ئىلاھىزملىق كەيپىياتلار بىلەن ئەل ئارا دىننى ئىزنالاردىكى دىنى ئەمەلىيەتلەر دۇنيادىكى ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە رايونلاردىكى، تۈرلىكچە قوۋملارنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيەت قاتلاملىرىدىكى ئېتىقاد ئەقىدە بابىدىكى مەنىۋى ئىھتىياجلەرىگە مۇناسىپلىشىشىدىن ئىسلامىيەت ئۈچۈن ھاياتى كۈچ يارىتىلدى. سوپىزىم ئىسلامىيەت ئۈچۈن يېڭىباشتىن تەرەققىيات يۈزلىنىشى بەلگىلىدى. ئىسلامىيەت ئىدىئولوگىيە تارىخىدا مۇسۇلمان ئالىملارنى مۇتەئەسسىپلىك سايان كاجلاشتۇرىدىغان تۈپكى مەسىلە دىنىي ئېتىقاد بىلەن پەلسەپە پىكىر ئېقىمى، يەنى ئاللاھنىڭ ۋەھىيلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئەقلىيلىكى مۇناسىۋېتىدىكى مەسىللەر ئىدى. ئەسلىيە ئىلمىي تەھۋىد مادارا قىلىش يولى بىلەن يۇمشۇتۇپ ئىككى تەرەپنى ماسلاشتۇرۇپ كېلەتتى، لوگىكا ئىلمىلىرى ئارقىلىق ئىمان- ئېتىقاد ھەقىقەتلىرىنى ئىسپاتلاشقا ئورۇنۇشاتتى. بىراق ئەمەلىيەت ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى مەنتىقشۇناسلىق ئاللاھنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە ئىمان ئېيتىش مەسىللىرىگە جاۋاب بېرەلمەيتتى، چۈنكى ئاللاھنىڭ مەۋجۇدلۇقى تەجرىبىدىن تاشقىرى بولۇپ، بۇ يولدا سەۋەب- نەتىجە تېپىپ بولمايتتى. ئەڭ ئاخىرى يەنە شۇ سوپىزمنىڭ مىستىتسىزملىق مەنىۋى تۇيغۇلارنىڭ جارىيلىقى ۋە تىلسىملىق كەچۈرمىشلەر بۇ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ. سوپىزم مىستىتسىزمى تەكىتلەيدۇغان ئىچكى كەچۈرمىش ئەقلىيەتتىن تاشقىرى، مەنتىقتىن تاشقىرى قەلب تۇيغۇلىرى ئۈستىگە قۇرۇلىدىغان بولغاچ، ئەقلىيلىك بىلەن ئىسپات قىلىشنىڭ زۆرۈرىيەتىدىن مۇستەسنا ئىدى، بۇ ھالدا ئەشئەرىيە ئېقىمىنىڭ مۇشەققەتلىرىگە مۇپتىلا بولۇشتىن ساقلانغىلى بولاتتى. غەززالى «پەيلاسۇپنىڭ زىددىيىتى» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە، ئىسلامىيەت يېڭى ئەپلاتۇنچىلىرىگە مېتافىزكىلىق تەنقىد يۈرگۈزۈگەن، «دىنىي پەنلەرنىڭ گۈللىنىشى» دە سوپىزمنىڭ مىستىتسىزملىق ئەقىدىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشلىرى ئىسلامىيەت ئىلمىي تەھۋىددە قايتىدىن ئىدىئولوگىيە تۈزۈلمىسى ئورنۇتۇش بولدى. ئۇ، مۇۋەپپەقىيەتلىك رەۋىشتە دىن بىلەن پەلسەپە، دىنىي ئېتىقادنىڭ تاشقى فورمىلىرى بىلەن ئىچكى روھىيىتى، ئەسلىيەچىلەر بىلەن مىستىتسزمچىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىدىدىيەتلەر قاتارلىق تەرەپلەردىكى مەسىللەرنى ھەل قىلدى. ئۇ «بىلىش » بىلەن «ئىشىنىش» نىڭ مۇناسىۋېتى مەسىلىسىگە ماھىرلىق بىلەن جاۋاب بېرىدۇ، پەلسەپە بىلەن تەبىئەت بىلىم كاتېگورىيىسىگە تەئەللۇق، دىن بولسا ئېتىقاد كاتېگورىيەسىگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئېتىقادنىڭ ئىلمىي ۋە ئەقلىيلىكلەر ئارقىلىق ئىسپاتلاشتىن مۇستەسنا ھال ئىكەنلىكىنى؛ چوڭقۇر ئىلىملىك، تەۋرەنمەس ئېتىقادلىق مۇسۇلمان ئالىملىرى يەنىلا دېئالىكتىكىلىق مىتودلارنى قوللىنىپ ئازغۇن- ئەگرى يوللارغا كىرىپ قالمىش بىر قىسىم ئۈممەتلەرنىڭ ئىمانىنى مۇستەھكەملىشىگە ياردەم بەرمىكى ۋاجىب؛ ئەمما، ئادەتتىكى دىن مۇخلىسلىرى ئاسان نائىل بولۇپ بولماس چوڭقۇر، مۇرەككەپ پەلسەپە تەپەككۈرىيەتىنى تەدبىقلاشقا چۈشمىكىنىڭ ھاجىتى يوق، ئەسەبىيلىك ۋە چەكتىن ئېشىشلاردىن ئاگاھ بولماق لازىم. غەززالى ئىسلامىيەتنىڭ زاھىرەن ئىپادىلىنىشلىرى بىلەن ئىچكى روھىيەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىسلامىيەت ھاياتى كۈچىنى جەۋلان قىلغان.
ئىككىنچى، سوپىزم «قۇرئان كەرىم» تەفسىرىدە، بولۇپمۇ يوشۇرۇن مەنالىق، ھېسسىيلىك مەسىللەردە ئۆزگىچە كۆز قاراشلارغا ئىگە. سوپىزمنىڭ مىستىتسىزملىق ئىديىسى ئاساسەن «قۇرئان كەرىم» دىن كېلىدۇ. «ئۇ سىلەرگە بۇ كالامنى نازىل قىلدى، ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان روشەن بايانلار بار، كالامۇللانىڭ ئاساسى، يەنە باشقا يوشۇرۇن مەنالارمۇ بار» (3- سۆرە، 7- ئايەت) سوپىزم ئالىملىرى كالامۇللانى مىستىتسىزملىق مەۋقەدە تەفسىرلەيدۇ. ئۇلار ئاشۇ «سىرلىق مەنالار» نىلاچوڭقۇر سىرلىق تەبىر بېرىپ قالماي يەنە ئادەتـتىكى، بىرقەدەر ئاسان چۈشىنىشلىك ئايەتلەرگىمۇ مۇرەككەپ تەبىرلەش ئېلىپ بارىدۇ، ئۇلار «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىدىكى باتىنىي مەنالارنىمۇ چۈشىنىپ، ئەسلى تېكىستلەرگە بىنائەن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەفسىر قىلىشىدۇ. ئۇلار «قۇرئان كەرىم» نىڭ باقى ئالەمگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يامانلىق، رەزىللىكلەردىن ئارىستە بولۇش، جاھاندارچىلىقتا ئىستىقامەت قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش مەپكۇرەسىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتلەردىكى ئاللاھنىڭ يارىتىشى خۇسۇسىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى سىرلىق تۈسكە ئىگە، ئادەمزاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالەمدىكى بارلىق مەخلۇقات، مەۋجۇداتنى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بىلەن ياراتقانلىقىنى، ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىر، ھەممىدە مەۋجۇدلىقى تەكىتلىنىدۇ. سوپىزم تەفسىرشۇناسلىرى ئايەتلەرگە بەرگەن شەرھلىرىمۇ كۆپرەك ھالدا سىرلىقلاشتۇرۇش، كالامۇللادىكى بىر تۈپ كۆزقاراش كىشىلەرنى ئالەمدىكى شەيئىلەرنى ئاللاھنىڭ ئادەملەر بىلىپ بولالماس ھالدا سىرلىق قىلىپ ياراتقانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسى مۇستەھكەم بولۇشىنى تەرغىپ قىلىپ، دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇدات، مەخلۇقات ئاللاھنىڭ ئىرادىسىدىن ئاپرىدە بولغان بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئىنسانلارمۇ يەنە ھايات مۇساپىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئاللاھغا قايىتىدىغانلىقى، ئەلھالكى، كىشىلەر باقىيدا جەننەتكە نائىل بولۇپ مەڭگۈلۈك بەختكە ئېرىشىدىغانلىقى تەرغىپ قىلىنىدۇ.
سوپىزم مۇفەسسىرلىرى تەفسىرلىگەن مەزمۇنلىرى ناھايىتى كەڭرى، تەفسىراتى پەلسەپە، شەرىئەت، ئىلمىي تەھۋىد، فىقھە، ئەدەبىيات، كۈتۈنۈش ئىلمى قاتارلىق جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بەئەينى بىر ئىنسپېكلودىك قامۇس. 10- ئەسىردە، ئىران سوفىزم داھىيسى سۇھەيل تۇستىلى تۈزگەن «قۇرئان كەرىم تەپسىرى»سوپىسىتلارنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقى تەفسىرلىدىن بىرىدۇر. بۇلاردىن باشقا يەنە، ئىبنى ھەبب سۇلەمى (1012- ؟) نىڭ «تەفسىرلەنگەن ھەقىقى ھال»، تۈركىيە ئالىمى ئىسمائىل ھاجى (1725- 1652) نىڭ تەفسىراتى «رۇھۇل بەيان»، ئىراقلىق ئالىم ئالۇسى (1854- 1802) نىڭ «قۇرئان كەرىم نىڭ مېغىزى» قاتارلىقلارنىڭ، بۇلار ئىچىدە ئالۇسىنىڭ «قۇرئان كەرىمنىڭ مېغىزى» ئەسلى تەرىقەت بىلەن سوپىزم ئىدىيىسىنى ئۆزئارا سىڭدۈرىۋەتكەن چوڭ ھەجىملىك تەفسىردۇر، ئۇنىڭ ئەسىرىنىڭ تۈزۈپ، نەشر قىلىنىشى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ سۇلتانى مەھمۇدⅡ (1839- 1808) نىڭ قوللىشىغا نائىل بولغان، ھەنەفىيە مەزھەپىدە كەڭ تارالغان. ئەڭ مەشۇر سوپىزم تەفسىر ئالىمى كاسانى (1330- ؟) تۈزگەن «قىممەتلىك قۇرئان كەرىم تەفسىرى» دىن ئىبارەت. ئادەتتە بۇ كىتابنى ئۇنىڭ ئۇستازى مەشھۇر سوپىزم پىرى ئىبنى ئەرەبى نامىغا تەئەللۇق قىلىشىدۇ، چۈنكى كىتابنىڭ يەنە بىر نامى «ئىبنى ئەرەبى مۇتەفەسسىرى» دەپ ئاتالغان. بۇ كىتاب تاشقى ئامىللار بولۇپ تۇرغان دىنى پرىنسىپلارنى ئىنكار قىلمايدۇ، ئەمما، ئۇ يەردىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈش پىكىرلىرى تەفسىرنىڭ بەدئىي تىلىدىكى ئوخشىتىش- تەسنىپلەردىن قىلىنغان شەرھلەرئارقىلىق يېپىلىپ، پەقەت ئايەتلەرنىڭ غارايىپ مەنىلىرى ۋە دۇنيادىكى ھەقىقى شەيئىلەر سمۋولزملىق يولدا بايان قىلىنىدۇ. ئاپتورنىڭ قارىــشىچە، ئايەتلەرنىڭ مەنىسى قىرائەت قىلغۇچىنىڭ دەرىجىسى بىلەن بولىدىغان بولغاچ، مىستىتسزملىق سەپەرنىڭ ھەربىر بېكىتى ئۇنىڭ يېتىنگەن دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن ھەر- خىل بولىدۇ. قىرائەتخان ئەڭ يۈكسەك ۋاخىنىغا يەتكەندە ئۇنىڭ ئالدىدا يېڭىدىن- يېڭى ئىشىكلەر ئېچىلىدۇ، ئۇ «نەپىس سىرلىق مەنالار»نى كۆرۈپ يېتەلەيدۇ.
سوپىزم تەفسىرچىلىقى «قۇرئان كەرىم» گە بىر خىل مىستىتسىزملىق پىكىر قىلىشنىڭ ئىنكاسى. بۇ تۈردىكى تەفسىرلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسامنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە يار- يۆلەك بولغۇچىلىرىنىڭ سىرلىق پائالىيەتلىرىنى كۆپرەك تىلغا ئېلىشلارنى ئەسەر مەزمۇنىنىڭ ئاساسى قىلىدۇ. ھەبب سۇلەيمىنىڭ تەفسىرىسىگە نۇرغۇنلىغان سوپىزم ئالىملىرى، يەنە شۇنىڭدەك مۇھىم شەخسلەرنىڭ شەرھ-بايانلىرى كىرگۈزۈلگەن، ھەمدە بارلىق ماتېرىياللار تەشنىپ قىلىش يولى بىلەن تەپەككۈر قىلىنغان، مىستىتسىزملىق تەلەپلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھەربىر ئابزاستلىق ئايەتلەردىن سىرلىق مەنالار بايقاشقا ئورۇنۇلغان. مەسىلەن پەيغەمبەرنىڭ «مىئىراج» قىلىشىغا ئائىد بولغان ئايەتلەر (17- سۆرە، 1- ئايەت) نىڭ تەفسىرىسىدە ۋەقەلەرنىڭ شەرھىيسىنى ئاڭنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىگە قاراپ قەدەممۇ- قەدەم ئۆرلەتكەن، بىر قېتىملىق سىرلىق مەنىۋى يۈكسىلىش بولۇپ قالغان. غەززالى تەفسىر يازمىغان بىراق ئەسەرلىرىدە تالاي رەت پەلسەپىۋى تەپەككۈر ئارقىلىق كۆتۈرۈپ چىققان مىستىتسزملىق نۇقتەئىينەزەرلەر بىلەن ئايەتلەرنى ئىزاھلاش ئۈستىدە توختىلىدۇ. ئۇ نۇرغۇنلىغان سوپىزم ئالىملىرىغا ئوخشاش «قۇرئان كەرىم» نىڭ زۆرۈرىيەت فونكېسىيەسىنى ئەمىلىيەت ۋە بىلىشتىن ئىبارەت ئىككى قاتلامغا بۆلىدۇ. ئالدىنقىسى، ئىچكى ئۆزلۈك ۋە پاكلىنىشلارغا، ھادىسەن ھەرىكەتلەرنى ئىنكار قىلىش بىھاجەتلىكىگە تەدبىلىقلىدۇ؛ كېيىنكىسى بولسا، مىستىتسزملىق ئىچكى كەچۈرمىشلەر ئارقىلىق مەنالارنى بايقاشتۇر، پەقەت ئەمەلىيەتتىن جۇغلانغان تەجرىبىلەر ياكى تاشقى تائەت- ئىبادەت بىلىملىرى ئارقىلىقلا ئاندىن بىلىشكە يېتىنگىلى بولىدۇ.
«قۇرئان كەرىم» تەفسىرىسى ئارقىلىق سوپىزم ئۆزىنىڭ ئېتىقاد ئەقىدە ئىدىئولوگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان. ئۇشبۇ ئىدىيە تۈزۈلمىسى سوپىلارنىڭ تەرىقەتلىرى ئارقىلىق سۈننىيلەر، شىئەلەرنىڭ ئىدىيە قۇرۇلمىسىغا سىڭىپ كېرىپ، ئىسلامىيەت تۈرلىك ئىلىملىرىگە بىر قەۋەت سىرلىق بوياق بەرگەن. سۈننىي ۋە شىئە مەزھىپىدىكى نۇرغۇنلىغان ئالىملار سوپىزىم ئالىملىرىنى تەن ئالىدۇ، سوپىستىك مەپكۇرەلەرنى ئايرىم- ئايرىم رەۋىشتە ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي ئىدىئولوگىيسىگە سىڭدۈرگەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەفسىرلىرىدە سوپىزىملىق ئەدەبىي ئەسەر، ناخشا- قوشاق، ھېكايەتلەردىن زورمىقتاردا ئىستاتا ئالغان، يەنە سوپىسىتـلارنىڭ «تەھسىپ ئەل ئەخلاق»، «ئۆزىنى تۇتۇپ، نەپسىنى يىغىش»، «ئاللاھقا مۇھەببەت قويۇش»، «ۋىسالۇل ھەقق» قاتارلىق تەرغىباتلىرىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرگەن، ھەتتا، گاھىلار ئىسلام دىننىڭ ئاساسلىق پەرزلىرىنى تاشلىۋېتىپ، سوپىزمنىڭ «ئاللاھنى مەدھىيلەش»، «خۇپىيە ساقلاش »، «قۇرئان كەرىم» شەرھىيلىرىدىكى ئىبادەت ۋە روزا تۇتۇشلارنى تەشەببۇس قىلغان.
ئۈچىنچى، سوپىزىملىق ئىدىئولوگىيە ئەرەب ئەدەبىياتچىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ روھىيىتىگە سىڭىشىپ كەتكەن دېگۈدەكلا تەروزدە بولغان، بارىلىق ئەرەب ئەدەبىياتى شېئىر- قوشاق، دىراما، ھېكايىلىرى قاتارلىق ئەسەرلەرگىچە سىڭىشىپ كەتكەن. بىزگە ناھايىتى روشەنكى، ئەدەبىيات ئىنسانشۇناسلىق، يەنى ئادەمنىڭ روھى دۇنياسى، ئادەمنىڭ پاراسىتى ئادەمنىڭ مۇھەببەت ۋە گۈزەللىككە ئىنتىلىشى، ئادەمنىڭ سۆيۈنۈش ۋە نەپرەتلىرى، ئادەم بىلەن تەبىئەت، ئادەم بىلەن دۇنيا قاتارلىق ساھەلەرنى تەتقىق قىلىدۇ ۋە سۈرەتلەيدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەر، دەل ئاشۇ ئادەم ۋە ئۇنىڭ مۇھىت ئالىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولمىش ئەسەرلەر ئادەملەرنىڭ قەلب تارىخى، روھىيەت تارىخىدىن ئىبارەتتۇر. ۋەھالەنكى، ئەرەب ئەدەبىياتى ئۈستىدە تۇختالغاندا دىندىن مۇستەسنا بولۇش مۇمكىن ئەمەس، بولۇپمۇ سوپىزىمنىڭ ئەدەبىيات ۋە ئەدىبلەر ئىدىيىسىگە بولغان تەسىرى ئۈستىدە پىكىر قىلىشتىن مۇستەسنا بولغىلى بولمايدۇ. قېدىمدىن بۈگۈنگىچە، دىن، پەلسەپە، پەن ۋە ئەدەبىيات قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئالەمدىكى جەمئىي مەۋجۇدات ۋە كىشىلىك ھاياتنىڭ مەۋجۇدلۇق قانۇنىيىتى، روھانىيىتى ۋە مەنىۋى جۇغلانمىسىنى دۇنيادىكى كىشىلىك ھايات ئىستەكلىرىنى يورۇتماقنى ئەڭ ئالىي مۇددىئاسى قىلىدۇ، ھالبۇكى، سوپىزملىق ئىدىئولوگىيەنىڭ يادوروسىمۇ دەل مۇشۇ يەردە. ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللانغان ئالىملار ئېيتقان، مىستىتسزم بىلەن شېئرىي تەپەككۈر ئوخشاشلىققا ئىگە، دىن ۋە ئەپسانىلەر ئەدەبىياتنىڭ بەچچەدانى، بۇ ھالدا، باش تېما ۋە تېما يا ئاشكارە يا يوشۇرۇن ھالدا دىن ۋە ئەپسانىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان، بەلكى بەدىئىي ئىپادىلەش ئۇسلۇبلىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مىستىتسزم بىلەن تومۇرداش بولۇپ كەتكەن. قەدىمدىن بۈگۈنگىچە، كۆپ خۇدالىق دىنغا ئېتىقاد قىلىشتىن بىر خۇدالىق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچە بولغان ئۇزاق جەرياندا، دىننىي ئاڭ ئاللاقاچانلا ئەرەبلەرنىڭ قان- قېنىغا سىڭىپ كەتكەن، ئەرەب ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنىڭ قۇر- قۇرلىرىغا سىڭىپ كەتكەن. شۇڭا، ئەرەبلەر قېنىغا سىڭىپ كەتمىش دىنىي ئېتىقادتىن مۇستەسنا ھالدا، ئەرەب قەدىمكى زامان دىنىي مەدەنىيەتى ھەمدە ئىسلام دىن مەدەنىيىتىنىڭ بۈگۈنكى تەۋەرۈكلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە، مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ. تەۋەرۈكلەر پەقەتكىنە سەنئەت فورمىسى ۋە قولھۈنەرلىرى بولۇپ قالماي، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلار تاۋلاپ، چەككىلەپ چىقىرىلغان ئىنسانىي روھىيەتتۇر، ئۇ ئەدەبىياتنىڭ ماھىيىتى ھەم جېنى. بىر قوۋۇمنىڭ ئالاھىدە ئىنسانىي روھىيەتلىرى بىۋاستە رەۋىشتە مەزكۇر قوۋۇمنىڭ ئەدەبىياتىدا ئەكس ئېتىدۇ. سوپىزم پەقەتلا بىر تۈرلىك ئالەم قارىشى ۋە ئونتولوگىيىلىك تەلىماتلار ئەمەس، بەلكى، ئۇ ماھىيەتتە بىر تۈرلىك ئىنسانشۇناسلىقتۇر. بۇ باش تېما ئەرەب ئەدەبىياتىغا كىرىپ، ئالاھىدە ئىندۇۋۇداللىقنى ھازىرلىغان. سوفىزم كۆز قارىشى روھنى تاۋلاش جارىيلىقىنىڭ مەنزىلى، بۇ ئۇلارنىڭ سەنئەت ئىجادىيەت ئىستىلى بولۇپ قالغان. سوپىزمدىكى ئىسلام روھى بولسا ئۇلار گۈزەل كىشىلىك ھايات دۇنياسىنىڭ تېمىسى بولۇپ قالغان. سوپىزم مىستىتسزمنىڭ تەسىرى ئەرەب ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئىلھاملار ئېلىپ كېلىپ، ئەرەب ئەدەبىياتى مىللىي ئالاھىدىلىكىنىڭ دۈردانىسى دېگۈدەكلا بولۇپ قالدى.
ئىبنى.فارىز (1234- 1181) مۇ ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى شەخس، ئۇ شائىر، ھەم سوپىزم مۇتىپەككۇرى، «لېرىك شېئىر شاھى» دەيدىغان گۈزەل نامغا نائىل بولغۇچى. ئۇ جامائەتتىن ئايرىلىپ پىنھانلاردا تەرك دۇنيا بولۇپ ئىستىقامەتلەر قىلىپ باققان، مەككە تاغلىرىدىكى غارلاردا ئىستىقامەتتە ئون بەش يىلنى ئۆتكۈزگەن، كېيىن مىسىرغا بارغان. ئۇنىڭ شېئىرىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئاللاھ غا بولغان مۇھەببەت ۋە ھەقىقەتنى قوغلىشىش تېما قىلىنغان، ئەسەرلىرىدە سمۋول ۋە تەشنىپ قاتارلىقلار قوللىنىلغان، سوپىستىكىلىق كۆز قاراشنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە ئەھمىيىتىنى ئاغزاكى نۇنۇقلىرىدا بايان قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سوپىزمنى مەدھىيلەپ پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ ئىگىسى بولمىش ئاللاھقا چىن ئاشىقلىققا، ۋىسالۇل ھەق ئارقىلىق ئاشىقلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەدھىيە ئوقۇغان. ئۇ، ئاللاھغا بولغان غايىبى ئاشىقلىق بارلىق گۈزەللىك، ئىزگۇلۇقلارغا ئىنتىلىشتىكى تۈپكى مۇھەببەتتۇر، ئادەم ئاللاھغا بولغان مۇھەببىىتىگە پۈتۈنلەي بەخشەندە بولۇشى ۋە ئىرىپ سىڭىپ كېتىشى لازىم، پەقەت ۋىسالۇل ھەقق گە يېتىش ئەڭ ئالىي بەھىر ۋە بەخت، دەپ قارىغان. ئۇنىڭچە بۇنداق ئاشىقلىق ئازاب- ئۇقۇبەتلەر جەريانى «ئۇنىڭ ئىپتىداسى سېغىنىش پىغانى، ئۇنىڭ تۈگەنچىسى جانغا زامىن ئازاب» بۇ يەردىكى جانغا زامىن بولارلىق ئازاب دەل ئاشىقى بىقارارنىڭ ئىرادىسى ئىرىپ، ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە قوشۇلۇپ كېتىشنى كۆرسىتىدۇ. ئازاب- ئوقۇبەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشى مۇھەببەت بولىدۇ، ئاشىقلىقنىڭ ئازابلىرى شادلىق بولىدۇ. ئەھلى ئاشىق بىلەن مۇھەببەت قويۇلغۇچى ئۇ، ياكى بۇ بولۇپ ئايرىلمايدۇ، ئاشىقلىق بىلەن مۇھەببەت قويۇلغۇچى ئىپتىدا ۋە خاتىمەسىزدۇر. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئاللاھقا بولغان مۇھەببەت ۋە سۈكۈتكە چۆكۈپ ۋىسالۇل ھەققىگە يېتىش مەنىۋى شادلىقىنى مەدھىيلەيدۇ. ئۇنىڭ شېئرى دىۋانى «سىرلىق بەيابان» دىن كۆرۈش مۇمكىنكى ئۇنىڭ سەنئەت بىلەن گۈزەللىك كۆز قاراشلىرى سوپىزمچىلار بىلەن بىردەك، يەنى گۈزەللىك ئاللاھنىڭ ياراتقانلىرىغا قىلىنمىش ئىلتىپاتى، گۈزەللىك سەنئەتنىڭ ئىنتىھاسى مۇتلەق گۈزەللىك، يەنى ئاللاھنىڭ دەل ئۆزى. بۇلاردىن باشقا يەنە تالايلىغان ئەھلى سوپىزملارنىڭ ئەسەرلىرىدە شېئىرىيەت شەكلى ئارقىلىق ئىگىسى ئاللاھغا بولغان ئېھتىرام، ئاشىقى بىقارارلىق مۇھەببەتلەر مەدھىيلىنىدۇ.