You Are Here: Home » ئومۇمى » ‎ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 5- قېتىملىق دوكتور ۋە ماگىستېر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي مۇھاكېمە يىغىنى تەكلىپنامىسى

‎ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 5- قېتىملىق دوكتور ۋە ماگىستېر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي مۇھاكېمە يىغىنى تەكلىپنامىسى

10540541_1015917668433672_2373723838409297182_n

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىندىشىم،
سىز ئىلىم سۆيەر قېرىندىشاشلىرىمىزنى 2015- يىلى 4- يانۋار يەنى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 5- قېتىملىق دوكتور ۋە ماگىستېر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي مۇھاكېمە يىغىنىغا چىن دىلىمىزدىن تەكلىپ قىلىمىز.
يىغىنى ئەتتىگەن سائەت 9:00 دا رەسمىي باشلىنىپ چۈشتىن كېيىن سائەت 4:30 دا ئاخىرلىشىدۇ.
ئەتتىگەنلىك پىروگراممىدا
پەخرىي رەئىسىمىز در. شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە سابىق پەخرىي رەئىسىمىز در. ئەركىن سىدىق، دوكتور رىشات ئابباس ۋە باشقا ئالىملىرىمىزنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، رەئىسىمىز ئابلەت تۇراننىڭ ئېچىلىش نۇتقى بىلەن ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ،
سائەت 9:30 دىن 12:00 غىچە 3 ئوقۇغۇچىمىز دوكلاتىنى سۇنىدۇ ۋە بىزلەر ئەركىن مۇزاكېرە ھەم مۇنازېرە ئېلىپ بارىمىز.
چۈشلۈك تاماق ۋە نامازدىن كېيىن، چۈشتىن كېيىنلىك ئولتۇرۇش باشلىنىدۇ.
سائەت 14:00 دىن 15:30 غىچە چۈشتىن كېيىنكى 2 ئوقۇغۇچى دوكلاتىنى سۇنىدۇ ۋە بىز ئەركىن مۇنازېرە قىلىمىز.
ئەڭ ئاخىرىدا ئىمكان ياربەرسە تۈركىيەلىك « ئىجدىئامىي تاراتقۇلار جەمىيىتى » قۇرغۇچىلىرىدىن سەئىت ئەپەندىمنىڭ ئىجدىمائىي تاراتقۇلار ھەققىدىكى قىزىقارلىق دوكلاتىنى تىڭشايمىز ۋە ئىجدىمائىي ئالاقە تورلىرى ھەققىدە مۇزاكېرە ئېلىپ بارىمىز. ( ئەگەر ئۇستاز كېلەلىسە )
ئەڭ ئاخىرىدا يېپىلىش مۇراسمىدىن بۇرۇن ئەڭ ياخشى دوكلات سۇنغا قېرىندىشىمىزنى مۇكاپاتلايمىز، دوكلات بەرگەن باشقا ئوقۇغۇچىلارغىمۇ ھەدىيەسىنى تەقدىم قىلىپ، سائەت 16:30 دا دۇئا ۋە تىلەكلەر بىلەن يىغىننى تاماملايمىز.
چۈشلۈك تاماق: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن پولو داستىغىنى تارتىلىدۇ.

يىغىن ئېچىلىىغان ئۇرۇن: دېڭىز فەنەرى دەرنىكى زەيتۇنبۇرنى مەركەز بىناسىدا.
بىرۇنى ئۈنىۋېرسىتىسى ئارقا تەرەپتە. بېلگىرات قاپىدا چۈشۈپ قېلىڭ.
Adres : 10. Yıl Cd. Cinoğlu Çıkmazı No:4 Zeytinburnu / İstanbulTel : 0212 414 60 60Fax : 0212 415 61 61
Haritada görmek için tıklayınız: http://www.denizfeneri.org.tr/haritagoster/genel-merkez_1

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top