ئادالەت تۇغىنى كۆتەرگەن ئىنسان
ئالماس ھاجى
(غۇجىمۇھەممەت مۇھەممەتكە مەرسىيە)
*
دەردىمىز ئۈستىگە دەرت كەلدى بىزگە،
ئەنسىز يۈرەكلەر تىلغاندى يەنە.
بۇ شالاڭ سەپلەردىن كەتتى بىر قىران،
كەتتى بىر لاۋۇدەك ئوت يۈرەك يەنە.
*
نەشتەردەك سۆزلىرى زۇلۇم كۆكسىگە-
سانجالغان؛ خەلقىگە باغرىنى ئاچقان.
ھەقنى دەپ كۆرەشكەن ھەقنى سۆزلىگەن،
ئادالەت تۇغىنى كۆتەرگەن ئىنسان.
*
مىليونلاپ قەلبلەر ئارزۇلىرىنى،
ئەڭ نازۇك تىل بىلەن نىدا ئەيلىگەن.
مىلتىقنى ئوقلاشقا ئىرادە قىلىپ،
نا خوشلار قەلبىگە خىتاب ئەيلىگەن.
*
لېكىن ئۇ كېتىپتۇ غەزەپ ئەلەمدە،
لەختىلەپ زەردابقا تولۇپ يۈرىكى.
ئارزۇلار ئارمان بوپ قېپتۇ بىزلەرگە،
غوجا مۇھەممەدنىڭ ئارزۇ تىلىكى.
*
بۇ يوللار بەك ئۇزۇن، مۈشكۈلات يوللار،
ئىرادە، سەۋرىمىز يېتەر نىشانغا.
ئاي يۇلتۇز كۆك تۇغنى قادايمىز چۇقۇم،
ئۇ ياتقان زېمىننىڭ چوققىلىرىغا.
*
ئىستانبۇل، 2018-07-15